ئابدۇرراھمان ئبنى ئەبى بەكرى ئەسسىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىردى. ئۇ چاغدا مەن ئۇنى مەيدەمگە يۆلەپ ئولتۇرغۇزغان ئىدىم. ئابدۇرراھماندا بىر ھۆل مىسۋاك بار ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا كۆز تىكىپ قارىدى
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: ئابدۇرراھمان ئبنى ئەبى بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىرگەندە، مەن رەسۇلۇللاھنى مەيدەمگە يۆلەپ ئولتۇرغۇزغان ئىدىم. ئابدۇرراھماندا چىشىنى مىسۋاكلاۋاتقان بىر ھۆل مىسۋاك بار ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا كۆز تىكىپ قارىدى. مەن مىسۋاكنى ئۇنىڭدىن ئېلىپ ئۇچىنى چىشلەپ ئۈزۈۋېتىپ ئاندىن يۇمشىتىپ بەردىم. پەيغەمبىرىمىز ئۇنىڭ بىلەن چىشىنى مىسۋاكلىدى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى مىسۋاكلىغان ھالنى كۆرمىگەنىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن بىكار بولۇپلا قولىنى (ياكى بارمىقىنى) كۆتۈرگەن ھالدا، ھەممىدىن ئالى ئىلاھىمنىڭ قېشىغا بېرىشنى خالايمەن، دەپ ئۈچ قېتىم دېدى. ئاندىن جان ئۈزدى. ئائىشە ئانىمىز: مېنىڭ قۇچىقىمدا ۋاپات بولدى، دېدى
Explanation
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

