HadeethEnc · 1.4.0
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن جۇنۇپ ھالىتىمىزدە بىر قاچىدا يۇيىناتتىم، مەن ئادەت كۆرگەن ۋاقتىمدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنى ئىشتان كىيىۋىلىشقا بۇيرۇپ قۇچاقلايتتى،
Available translations
Choose an available translation of this Hadeeth
01
Hadeeth text
مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلغان ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن جۇنۇپ ھالىتىمىزدە بىر قاچىدا يۇيىناتتىم، مەن ئادەت كۆرگەن ۋاقتىمدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنى ئىشتان كىيىۋىلىشقا بۇيرۇپ قۇچاقلايتتى، ئۇ ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندا مەسچىتتىن بېشىنى چىقىراتتى، مەن ھەيزدار ھالىتىمدە ئۆيدە تۇرۇپ ئۇنىڭ بېشىنى يۇيۇپ قوياتتىم» دېدى
02
Explanation
بۇ ھەدىستە مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بولغان بەزى خاس ئەھۋاللىرىدىن خەۋەر بېرىدۇ، ئۇنىڭ جۈملىسىدىن: ئائىشە ئانىمىز جۇنابەتتىن يۇيۇنغاندا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ئىككەيلەن بىر قاچىدىن سۇ ئېلىپ يۇيىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇخلىماقچى بولغاندا، ئەگەر ئۇ ئادەت كۆرۈپ قالغان بولسا، كالتا ئىشتان كېيىۋېلىشقا بۇيرىتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن قۇچاقلىشىپ جىمادىن باشقا ئىشلارنى قىلاتتى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتتە ئىتىكاپ قىلغاندا، بېشىنى ھۇجرىسى تەرەپكە چىقىراتتى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەيزدار ھالەتتە ئۆيدە تۇرۇپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بېشىنى يۇيۇپ قوياتتى.
03
Benefits
ئەر-ئايال ئىككەيلەننىڭ بىر قاچىدىن سۇ ئېلىپ يۇيۇنىشى دۇرۇس بولىدۇ.
ھەيىزدار ئايالنىڭ بەدىنى پاك بولۇپ، جىمادىن باشقا ئىشلارنى قىلسا دۇرۇس بولىدۇ.
ھەيىزدار ئايال ئېرى بىلەن قۇچاقلىشىپ ياتىغان ۋاقىتتا ئىچ كىيىم كېيىۋېلىشى ياخشى بولىدۇ.
چەكلەنگەن ئىشقا چۇشۇپ قىلىشتىن توسىدىغان سەۋەپلەرنى قىلىش كېرەك بولىدۇ.
ھەيىزدار ئايالنىڭ مەسچىتتە تۇرىشى چەكلىنىدۇ.
ھۆل-قۇرۇق نەرسىلەرنى بىۋاستە تۇتۇش دۇرۇس بولىدۇ، شۇنىڭدەك چاچنى يۇيۇش ۋە تاراپ قويۇشمۇ دۇرۇس بولىدۇ.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلىسىگە بولغان گۈزەل مۇئامىلىسى بايان قىلىنىدۇ.

Attribution
[بىرلىككە كەلگەن]
Categories
Share
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares