ئەتە بايراقنى چوقۇم، ئاللاھ تائالانى ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىنى ياخشى كۆرىدىغان، ئۇنىمۇ ئاللاھ تائالا ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى ياخشى كۆرىدىغان بىر كىشىگە بېرىمەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ قولى بىلەن پەتھىنى نېسىپ قىلىدۇ
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
سەھل ئىبنى سەئد ئەسسائىدى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ئەتە بايراقنى چوقۇم، ئاللاھ تائالانى ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىنى ياخشى كۆرىدىغان، ئۇنىمۇ ئاللاھ تائالا ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى ياخشى كۆرىدىغان بىر كىشىگە بېرىمەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ قولى بىلەن پەتھىنى نېسىپ قىلىدۇ دېۋىدى، كىشىلەر شۇ كېچىسى، ئۇ بايراق كىمگە بېرىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق تالاش - تارتىش قىلىشىپ چىقىشتى. تاڭ ئېتىۋىدى ئۇلارنىڭ ھەممىسى بايراقنىڭ ئۆزىگە بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بېرىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپ قېنى؟، دەپ سورىدى. ئۇنىڭ كۆزى ئاغرىپ قاپتۇ، دېيىلدى. ئۇلار ئۇنى ئەكىلىشكە ئادەم ئەۋەتىپ چاقىرتىپ كەلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئىككى كۆزىگە تۈكۈرۈپ دۇئا قىلىۋىدى، خۇددى ئاغرىپ باقمىغاندەك ساقىيىپ كەتتى. ئاندىن ئۇنىڭغا بايراقنى بېرىپ دېدىكى: ئالدىڭغا ئالدىرىماي مېڭىپ ئۇلارنىڭ مەيدانىغىچە بارغىن! ئاندىن ئۇلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلغىن! ۋە ئۇلارغا ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىدە ۋاجىپ بولغان ئىشلارنى ئېيتقىن. ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى! سېنىڭ سەۋەبىڭدىن بىر ئادەمنى ئاللاھ ھىدايەت قىلىپ قالسا، ئۇ ساڭا قىزىل تۆگىدىنمۇ ياخشىراقتۇر
Explanation
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

