سىلەر(ھەقىقى)مۇئمىن بولمىغىچىلىك جەننەتكە كىرەلمەيسىلەر، بىر-بىرىڭلارنى ياخشى كۆرمىگۇچە مۇئمىن بولالمايسىلەر، مەن سىلەرگە ئۇنى قىلساڭلار بىر-بىرىڭلارنى ياخشى كۆرۈشىدىغان ئىشنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ئۆزئارا سالامنى ئومۇملاشتۇرۇڭلار
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەر(ھەقىقى)مۇئمىن بولمىغىچىلىك جەننەتكە كىرەلمەيسىلەر، بىر-بىرىڭلارنى ياخشى كۆرمىگۇچە مۇئمىن بولالمايسىلەر، مەن سىلەرگە ئۇنى قىلساڭلار بىر-بىرىڭلارنى ياخشى كۆرۈشىدىغان ئىشنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ئۆزئارا سالامنى ئومۇملاشتۇرۇڭلار».
Explanation
Benefits
ئىماننىڭ مۇكەممەل بولىشى، مۇسۇلمان ئۆزىگە ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ئۆزىنىڭ دىنى قېرىندىشىغىمۇ ياخشى كۆرۈش بىلەن بولىدۇ. .
مۇسۇلمانلار ئۆز جەمئىيتىدە مېھرى-مۇھەببەت، تىنچ-خاتىرجەملىكنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆزئارا بىر-بىرىگە سالامنى ئاشكارا قىلىشى كېرەك.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ «ئاراڭلاردا» دېگەن سۆزىگە كۆرە، سالام پەقەت مۇسۇلمانغا قىلىنىدۇ.
ئۆزئارا سالام قىلىش دېگەن ئارىدىكى ئۆچمەنلىك، بىر-بىرىنى تەرك قىلىش ۋە ئالاقىسىنى ئۈزۈش قاتارلىق ئىشلارنى يوق قىلىدۇ.
مۇسۇلمانلار ئارىسىدا مېھرى-مۇھەببەتنىڭ بەك مۇھىم ئىكەنلىكى، چۈنكى ئۇ ئىماننى مۇكەممەل قىلىدۇ.
يەنە بىر ھەدىستە تولۇق سالام قىلىش شەكلى مۇنداق كەلگەن:"ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمە تۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ"،ئەگەر "ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم" دېسىمۇ كۇپايە قىلىدۇ.
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

