HadeethEnc · 1.4.0
بىز جىنازىغا ئەگىشىشتىن مەنئى قىلىندۇق، لىكىن كەسكىن تەكىتلەنمىدى
Available translations
Choose an available translation of this Hadeeth
01
Hadeeth text
ئۇممۇ ئەتىييە ئەلئەنسارىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىز جىنازىغا ئەگىشىشتىن مەنئى قىلىندۇق، لىكىن كەسكىن تەكىتلەنمىدى
02
Explanation
ئۇممۇ ئەتىييە ئەلئەنسارىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇلۇغ ساھابىلەردىن بىرى، ئۇ ئايال رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللمنىڭ ئاياللارنى جىنازىغا ئەگىشىپ مېڭىشتىن توسقانلىقىنى بايان قىلغان، چۈنكى ئۇلارنىڭ يۈرىكى ئاجىز ۋە ھېسسىياتچان، ئەرلەردەك كۆتۈرەشلىك ۋە سەبىرچان ئەمەس، ئاياللار جىنازىغا ئەگىشىپ چىققاندا مېيىتنى كۆتىرەپ مېڭىش ۋە قەبرىسىدە قويۇپ قايتىش ئىشلىرى بۇلارغا ناھايىتى ئېغىر كىلىدۇ دە ئۇلار نال-پەرياد قىلىپ چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىدۇ. بىراق ئۇممۇ ئەتىييە ئومۇمى ئەھۋالدىن، رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ چەكلىمىسى قەتئى ۋە كەسكىن بولمىغانلىقىنى، ئاياللارنىڭ جىنازىغا ئەگىشىشى ھارام ئەمەسلىكىنى چۈشەنگەن. توغرا كۆز قاراشتا بۇ ئىش چەكلەنگەن. ئىبنى دەقىق ئەلئىيد: ئاياللارنى جىنازىغا ئەگىشىشتىن كەسكىن توسقان مەنىدە كۆپ ھەدىسلەر كەلدى، دېگەن
Attribution
[ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
Categories
Share
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

