HadeethEnc · 1.4.0
جىنازىنى تىز ئېلىپ مېڭىڭلار! چۈنكى ئۇ مېيىت ئەگەر ياخشى بولغان بولسا، سىلەر ئۇنى ئۇ ياخشىلىقىغا يەتكۈزۈپ قويغىنىڭلار تۈزۈك. ئەگەر باشقىچە بولغان بولسا، گەدىنىڭلاردىن يامانلىقنى چۈشۈرۋېتىسىلەر
Available translations
Choose an available translation of this Hadeeth
01
Hadeeth text
ئەبى ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: جىنازىنى تىز ئېلىپ مېڭىڭلار! چۈنكى ئۇ مېيىت ئەگەر ياخشى بولغان بولسا، سىلەر ئۇنى ئۇ ياخشىلىقىغا يەتكۈزۈپ قويغىنىڭلار تۈزۈك. ئەگەر باشقىچە بولغان بولسا، گەدىنىڭلاردىن يامانلىقنى چۈشۈرۈۋېتىسىلەر
02
Explanation
شەرىئەتنى بېكىتكەن ھېكمەتلىك زات, مېيىتنى دەپنە قىلىشتا ئالدىراشقا بۇيرىدى. يەنە بىر ئېھتىمال؛ بۇ يەردىكى ئالدىراشتىن بولغان مەقسەت، مېيىتنى تەييارلاشتا ئالدىراشتۇر، مەسىلەن: ئۇنى يۇيۇش، نامىزىنى چۈشۈرۈش، كۆتۈرۈپ مېڭىش ۋە دەپنە قىلىش ئىشلىرىدا ئالدىراش. چۈنكى ئۇ مېيىت ئەگەر ياخشى بولغان بولسا، ئۇ ياخشىلىققا ۋە ئۇتۇق قازىنىشقا بارىدۇ. ئۇ، مىنى ئاپىرىڭلار! دەپ تەكرار دەۋاتقان تۇرسا، ئۇنىڭغا توسالغۇ بولۇش لايىق ئەمەستۇر. ئەگەر باشقىچە بولغان بولسا، ئۇ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ناچار نەرسىدۇر. سىلەر ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىشىڭلار، ئۇنىڭ جاپاسىدىن ۋە ئۇنى كۆرۈشتىن ئارام ئېلىشىڭلار كېرەك. شۇڭا ئۇنى يەرلىككە قويۇش بىلەن يەڭگىللەڭلار
Attribution
[ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
Categories
Share
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

