HadeethEnc · 1.4.0
ئاي ۋە كۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى نامايەن قىلىدىغان ئالامەتلىرىدىندۇر، ئۇنى تۇتۇلدۇرۇىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ھەم بىرىنىڭ ئۆلۈمى ياكى ياشىغانلىقى سەۋەپلىك تۇتۇلمايدۇ. ئەگەر ئاي ۋە كۈننىڭ تۇتۇلغانلىقىنى كۆرسەڭلار ناماز ئوقۇپ، ئۇنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىڭلار
Available translations
Choose an available translation of this Hadeeth
01
Hadeeth text
ئەبۇ مەسئۇد ئۇقبە ئىبنى ئەمرۇ ئەلئەنسارى ئەلبەدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئاي ۋە كۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى نامايەن قىلىدىغان ئالامەتلىرىدىندۇر، ئۇنى تۇتۇلدۇرۇىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ھەم بىرىنىڭ ئۆلۈمى ياكى ياشىغانلىقى سەۋەپلىك تۇتۇلمايدۇ. ئەگەر ئاي ۋە كۈننىڭ تۇتۇلغانلىقىنى كۆرسەڭلار ناماز ئوقۇپ، ئۇنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىڭلار
02
Explanation
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ئاي ۋە كۈن ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرەت كامالىنىڭ ئالامەتلىرىدۇر، ئۇنىڭ تەبىئەت قانۇنىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ياكى بىلىمسىز نادانلار ئويلىغاندەك كاتتا كىشىلەرنىڭ ياشىغانلىقى ياكى ئۆلۈمى بىلەن ھېچ ئالاقىسى يوق، زېمىندىكى ئىشلار ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. بەلكى ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى قورقۇتۇش ئۈچۈن، شۇ ئارقىلىق ئۇلار گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىپ ئاللاھ تائالاغا قايىتىشى ئۈچۈن پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاي ۋە كۈن تۇتۇلغاندا ئۇنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى نامازغا ۋە دۇئاغا ئالدىراشقا تەۋسىيە قىلدى، كائىناتتا ئاللاھ تائالانىڭ ھەر تۈرلۈك سىرلىرى بار
Attribution
[ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
Categories
Share
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

