HadeethEnc · 1.4.0
كىچىكلىرىمىزگە رەھىم قىلمىغان ۋە چوڭلىرىمىزنىڭ ھۆرمىتىنى بىلمىگەن كىشىلەر بىزدىن ئەمەس
Available translations
Choose an available translation of this Hadeeth
01
Hadeeth text
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىچىكلىرىمىزگە رەھىم قىلمىغان ۋە چوڭلىرىمىزنىڭ ھۆرمىتىنى بىلمىگەن كىشىلەر بىزدىن ئەمەس»
02
Explanation
كىچىككە رەھىم قىلمايدىغان، شەپقەت قىلمايدىغان، ياخشى مۇئامىلە قىلمايدىغان ۋە ئويناشمايدىغان، چوڭنى ئۆزىگە لايىق ئىززەت-ھۆرمەت قىلمايدىغان كىشىلەر سۈننەتنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەل قىلىدىغان مۇسۇلمانلاردىن ئەمەس. «بىزدىن ئەمەس» دېگەن سۆز: ئاگاھلاندۇرۇش ۋە قورقۇتۇش ئۇسلۇبى بولۇپ، ئۇ كىشىنىڭ ئىسلامدىن چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ
Attribution
[تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
Categories
Share
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

