ئىنسان ئۆيىگە كىرگەندە، ئۆيىگە كېرىدىغان ۋە يىمەك يەيدىغان ۋاقىتتا ئاللاھنى زىكىر قىلسا، شەيتان ئەگەشكۈچىلىرىگە: بۇ ئۆيدە سىلەرگە قونالغۇ يوق، كەچلىك يىمەكمۇ يوق
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
جابىر بىن ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ئىنسان ئۆيىگە كىرگەندە، ئۆيىگە كېرىدىغان ۋە يىمەك يەيدىغان ۋاقىتتا ئاللاھنى زىكىر قىلسا، شەيتان ئەگەشكۈچىلىرىگە: بۇ ئۆيدە سىلەرگە قونالغۇ يوق، كەچلىك يىمەكمۇ يوق دەيدۇ، ئەمما ئۆيىگە كىرىدىغان ۋاقىتتا ئاللاھنى زىكىر قىلمىسا، شەيتان ئەگەشكۈچىلىرىگە: سىلەر قونالغۇ تاپتىڭلار دەيدۇ، يىمەك يەيدىغان ۋاقىتتا ئاللاھنى زىكىر قىلمىسا، شەيتان ئەگەشكۈچىلىرىگە: سىلەر قونالغۇ ۋە كەچلىك يىمەك تاپتىڭلار دەيدۇ».
Explanation
Benefits
شەيتان ئادەم ئەۋلادلىرىنى ئىش-ھەرىكىتى ۋە بارلىق تەسەررۇپاتلىرىدا كۈزىتىپ تۇرىدۇ. ئىنسان ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىشتىن غاپىل قالسا شەيتان مەقسەت مۇرادىغا يېتىدۇ.
زىكىر شەيتاننى قوغلاپ چىقىرىدۇ.
ھەر بىر شەيتاننىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ۋە يېقىن كىشىلىرى بولىدۇ، ئۇلار شەيتاننىڭ سۆزىدىن خۇرسەنلىك ھاسىل قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىدۇ.
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

