HadeethEnc · 1.4.0
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياغ كەيگەندە، چاچ تاراپ مايلىغاندا، تاھارەت ئالغاندا ۋە بارلىق ئىشلىرىدا ئوڭدىن باشلاشنى ياخشى كۆرەتتى
Available translations
Choose an available translation of this Hadeeth
01
Hadeeth text
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياغ كەيگەندە، چاچ تاراپ مايلىغاندا، تاھارەت ئالغاندا ۋە بارلىق ئىشلىرىدا ئوڭدىن باشلاشنى ياخشى كۆرەتتى
02
Explanation
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادەتلىرىدىن بىزگە بايان قىلىپ بەرگەن، ئۇ بولسىمۇ؛ ئايىقىنى كېيىشتە، چېچىنى تاراشتا، تاھارەت ئېلىشتا، ۋە بارلىق ئىشلاردا ئوڭ تەرەپتىن باشلايتتى. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىشلارنىڭ ئوخشىشىدىمۇ شۇنداق، كۆينەك، شىملارنى كېيىش، ئۇخلاش، يەپ-ئىچىش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش بارلىق ئىشلاردا ئوڭ تەرەپتىن قىلىش ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ياخشى پال ئېلىش ۋە ئوڭ تەرەپنى سول تەرەپتىن ئەۋزەل بىلگەنلىك. ئەمما ناپاك، مەينەت نەرسىلەردە بولسا سول تەرەپتىن باشلاش ئەۋزەل، شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئوڭ قول بىلەن ئىستىنجا قىلىشتىن، ئەۋرىتىنى تۇتۇشتىن توستى. ئوڭ قولنى پاكىز نەرسىلەر ئۈچۈن، سول قولنى ناپاك نەرىسلەر ئۈچۈن ئىشلىتىش بەلگىلەنگەن
Attribution
[ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
Categories
Share
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

