HadeethEnc · 1.4.0
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: بىر كىشنىڭ ئۆزىنىڭ جۈرئىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، يەنە بىرسىنىڭ ئۆزىنىڭ قوۋمىگە ياكى يۇرتىغا تەئەسسۇپلۇق قىلىش ئۈچۈن ۋە يەنە بىرسىنىڭ ئۆزىنى كۆز - كۆز قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇشقانلىقى توغرۇلۇق سورالدى
Available translations
Choose an available translation of this Hadeeth
01
Hadeeth text
ئەبى مۇسا ئەلئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: بىر كىشنىڭ ئۆزىنىڭ جۈرئىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، يەنە بىرسىنىڭ ئۆزىنىڭ قوۋمىگە ياكى يۇرتىغا تەئەسسۇپلۇق قىلىش ئۈچۈن ۋە يەنە بىرسىنىڭ ئۆزىنى كۆز - كۆز قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇشقانلىقى، يەنى ئۇلارنىڭ قايسى بىرسى ئاللاھ يولىدا بولىدۇ؟ دەپ سورىلىۋېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: كىمكى ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇشسا، شۇ ئاللاھ يولىدا بولىدۇ، دېدى
02
Explanation
بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: بىر كىشى كاپىر بىلەن ئۇرۇشقان بولسا، ئەمما ئۇنى ئۇرۇشقا ئۈندىگەن سەۋەب؛ كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ شۇجائىتىنى ۋە ياۋنىڭ ئالدىغا چىقالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بولسا، يەنە بىرسى ئۇرۇپشۇپتۇ، ئۇنىڭ سەۋەبى: ئۆز قوۋمىنى ياكى ۋەتىنىنى ھىمايە قىلىش بولسا، يەنە بىرسى ئۇرۇپشۇپتۇ، ئۇنىڭ سەۋەبى: ئۆزىنى ماختاشقا ۋە ئۇلۇغلاشقا لايىق بولغان، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان مۇجاھىدلارنىڭ قاتارىدىن بولغانلىقىنى باشقىلارغا نامايەندە قىلىش بولسا، يۇقىرىدىكى ئۈچ تۈرلۈك جەڭچىلەرنىڭ قايسى بىرى ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلغان بولىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنىڭغا ئەڭ قىسقا ۋە چوڭقۇر مانالىق بىر ئىبارە بىلەن جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى: كىمكى ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇشسا، شۇ ئاللاھ يولىدا بولىدۇ، ئۇندىن باشقىسى ئاللاھ يولىدا ئەمەس. چۈنكى ئۇ باشقا بىر مەقسەتتە ئۇرۇش قىلدى. ئەمەل-ئىبادەتلەر نىيەتنىڭ توغرا ياكى خاتا بولۇشىغا باغلىق. بۇ قائىدە، پۈتۈن ئەمەل-ئىبادەتلەرگە ئومۇمدۇر، دېمەك ھەرقانداق ئىبادەتنىڭ توغرا ياكى خاتا بولۇشىنىڭ نەتىجىسى نىيەتكە باغلىقتۇر. بۇھەقتە ئىنتايىن كۆپ دەلىللەر مەۋجۇت
Attribution
[ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
Categories
Share
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

