HadeethEnc · 1.4.0
ئەڭ ئاز دېگەندە چارەك دىينار ئۈچۈن قول كېسىلىدۇ
Available translations
Choose an available translation of this Hadeeth
01
Hadeeth text
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: چارەك دىنار ئالتۇن ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ بولغىنى ئۈچۈن قول كېسىلىدۇ
02
Explanation
ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە، كىشىلەرنىڭ ھاياتى ۋە ئابرويى، مال- مۈلكى قاتارلىق ھەق-ھۆقۇقلىرىنى بۇزغۇنچىلارنىڭ تازاۋۇز قىلىشىدىن ساقلايدىغانلىقىنى كەپالەتگە ئىگە قىلدى. مەسىلەن: باشقىلارنىڭ مېلىنى، ساقلاپ قويغان يېرىدىن يۇشۇرۇن ھالدا ئالغان ئوغرىنىڭ جازاسىنى، ئاشۇ مالنى ئېلىشقا ئىشلەتكەن ئەزاسىنى كېسىپ تاشلاشنى قانۇنلاشتۇردى، بۇ كېسىش ئۇنىڭ گۇناھىغا كاپپارەت بولىشى، ئۇ، ۋە ئۇنىڭدىن باشقىلارنىڭ بۇ پەسكەش يوللاردىن يېنىپ، شەرىئەت يولغا قويغان ئېسىل يوللار بىلەن پۇل تېپىشقا يۈزلىنىشى ئۈچۈندۇر. بۇنداق بولغاندا، ئىش كۆپىيىدۇ، ھەمدە ئۇ ئىشلارنىڭ نەتىجىسى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، بۇ كائىنات تەرەققى قىلىدۇ، كىشىلەرنىڭ نەپسى قانىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ھېكمەتلىرىدىن؛ ئوغۇرلىسا قول كېسىلىدىغان مالنىڭ ئەڭ ئاز مىقدارىنى، ئالتۇندىن چارەك دىينارغا تەڭ قىلىپ قويغانلىقىدۇر. بۇ مال - مۈلۈكنى قوغداش ۋە ھاياتلىقنى ئاسىراشتۇر. بۇنداق بولغاندا جەمئىيەتتە تېنىچ مۇھىت بارلىققا كېلىدۇ، كىشىلەرنىڭ كۆڭلى خاتىرجەم بولۇپ، مال - مۈلكىنى مەبلەغ سېلىپ پۇل تېپىش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ
Attribution
[ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
Categories
Share
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

