HadeethEnc · 1.4.0
ئۇككاز، مەجەننە ۋە زۇلمەجاز دېگەنلەر جاھىلەت دەۋرىدىكى بازارلار ئىدى، كىشىلەر ھەج مەۋسۇملىرىدا تىجارەت قىلىشنى گۇناھ دەپ قارىدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئايەت چۈشتى: «پەرۋەردىگارىڭلاردىن (ھەج مەۋسۇمىدا تىجارەت ۋە باشقا ئوقەت ئارقىلىق) رىزىق تەلەپ قىلساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ». سۈرە بەقەرە 198-ئايەت
Available translations
Choose an available translation of this Hadeeth
01
Hadeeth text
ئابدۇللا ئىبنى ئابباسنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئۇككاز، مەجەننە ۋە زۇلمەجاز دېگەنلەر نادانلىق دەۋرىدىكى بازارلار ئىدى، كىشىلەر ھەج مەۋسۇملىرىدا تىجارەت قىلىشنى گۇناھ دەپ قارىدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئايەت چۈشتى: «پەرۋەردىگارىڭلاردىن (ھەج مەۋسۇمىدا تىجارەت ۋە باشقا ئوقەت ئارقىلىق) رىزىق تەلەپ قىلساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ». سۈرە بەقەرە 198-ئايەت
02
Explanation
بۇ ئورۇنلار ئىسلامدىن ئىلگىرى مۇشرىكلارنىڭ ھەج كۈنلىرىدە تىجارەت قىلىدىغان بازارلىرى ئىدى، ساھابىلار ھەج كۈنلىرىدە ئۇ جايلاردا تىجارەت قىلىشنى گۇناھ دەپ قارىدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ھەج مەۋسۇمىدە تىجارەت قىلىشنىڭ شەرئى يول بىلەن ئادا قىلىنغان ھەج پائالىيتىنى بۇزىۋەتمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى. چۈنكى ھەج مەۋسۇمىدە تىجارەت قىلىسا بولىدۇ، لېكىن ھەج پائالىيەتلىرىنى ئادا قىلشقا پۈتۈن زېھنىنى بېرىش ئەلا، ھەممىدىن ياخشى ۋە ئەۋزەلدۇر
Attribution
[بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
Categories
Share
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

