ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نەھل سۈرىسىنى ئوقۇدى، ھەتتا سەجدە ئايىتىگە كەلگەندە، پەسكە چۈشۈپ سەجدە قىلدى، كىشىلەرمۇ سەجدە قىلدى
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
رەبىئە ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى سۇدەير تەيمىدىن رىۋايەت قىلىنىشچە، ھەقىقەتەن ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر جۈمە كۈنى مۇنبەرنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، نەھل سۈرىسىنى ئوقۇدى، ھەتتا سەجدە ئايىتىگە كەلگەندە، پەسكە چۈشۈپ سەجدە قىلدى، كىشىلەرمۇ سەجدە قىلدى، يەنە بىر جۈمە كۈنى شۇ سۈرىنى ئوقۇدى، ھەتتا سەجدە ئايىتىگە كەلگەندە، مۇنداق دېدى: «ئى كىشىلەر! بىز بۇ ئايەتكە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلدۇق، كىمكى سەجدە قىلسا توغرا ئىش قىلغان بولدى، سەجدە قىلمىسا ئۇ كىشىگە گۇناھ بولمايدۇ، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ سەجدە قىلمىدى» يەنە بىر رىۋايەتتە: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سەجدە قىلىشنى پەرىز قىلمىدى پەقەت بىز خالاپ قىلساق بولىدۇ» دېيىلگەن
Explanation
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

