ئى ئاللاھ! سەن سالامەتلىك ئاتا قىلغۇچى!، سالامەتلىك سېنىڭدىن بولىدۇ، سەن بەرىكەتلىك، سەن كاتتا ئۇلۇغ زاتسەن
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پەرز نامازنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۈچ قېتىم ئىستىغپار ئېيتاتتى، ۋە: « ئى ئاللاھ! سەن سالامەتلىك ئاتا قىلغۇچى!، سالامەتلىك سېنىڭدىن بولىدۇ، سەن بەرىكەتلىك، سەن كاتتا ئۇلۇغ زاتسەن» دەيتتى. ۋەلىيد مۇنداق دەيدۇ: مەن ئەۋزائىيدىن: ئىستىغپارنى قانداق ئېيتىدۇ؟ دەپ سورىسام، ئەۋزائىي: ئەستەغپىرۇللاھ!، ئەستەغپىرۇللاھ!، ئەستەغپىرۇللاھ!، دەيسەن دېدى.
Explanation
ئۇنىڭدىن كېيىن رەببىنى ئۇلۇغلاپ مۇنداق دەيتتى:« ئى ئاللاھ! سەن سالامەتلىك ئاتا قىلغۇچى!، سالامەتلىك سېنىڭدىن بولىدۇ، سەن بەرىكەتلىك، سەن كاتتا ئۇلۇغ زاتسەن»، تولۇق سالامەتلىك ئاتا قىلغۇچى دېگەن ئاللاھ تائالانىڭ سۈپىتىدۇر، ئاللاھ تائالا بارلىق ئەيىپ-نۇقسانلاردىن پاكتۇر، دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ يامانلىقىدىن سالامەت قىلىش ئاللاھ تائالادىن تەلەپ قىلىنىدۇ، ئىككى دۇنيادا ئاللاھنىڭ ياخشىلىقى كۆپ بولىدۇ، ئاللاھ كاتتا ياخشىلىق ئىگىسىدۇر.
Benefits
ئىستىغپارنىڭ ياخشىلىقى ئۇ ئىبادەتتىكى كەمچىللىكلەرنى تولۇقلايدۇ، تائەتتىكى نۇقساننى پۈتۈنلەيدۇ.
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

