مەن يەتتە ئەزا بىلەن سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلدۇم دەپ
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مەن يەتتە ئەزا بىلەن سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلدۇم دەپ: پىشانىگە، قولى بىلەن بۇرنى، ئىككى قولى، ئىككى تىزى ۋە ئىككى قەدىمىنىڭ ئەتراپىغا ئىشارەت قىلدى ۋە كىيىمنى تۈرىۋالماسلىق، چاچنى بانتىلىۋالماسلىق كېرەك، دېدى
Explanation
بىرىنچى: پېشانىسى، ئۇ: بۇرنى ۋە ئىككى كۆزىنىڭ ئۈستىدىكى كەڭلىك. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قولى بىلەن بۇرنىغا ئىشارەت قىلىپ پىشانە بىلەن بۇرۇننىڭ يەتتە ئەزادىن بىر ئەزا ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، سەجدە قىلغۇچىنىڭ بۇرنىنىڭ زېمىنغا تېگىشى كېرەك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئەزا بولسا: ئىككى قول.
تۆتىنچى ۋە بەشىنچى ئەزا بولسا: ئىككى تىز.
ئالتىنچى ۋە يەتتىنچى ئەزا بولسا: ئىككى قەدەمنىڭ بارماقلىرى.
بىز زېمىنغا سەجدە قىلغاندا چاچلىرىمىز بىلەن كىيىمىمىزنى مۇھاپىزەت قىلىپ چاچلىرىمىزنى چېگىۋالماسلىق، كىيىملىرىمىزنى بىر-بىرىگە چېگىۋالماسلىققا، بەلكى زېمىنغا تەككىدەك قويىۋېتىشكە بۇيرۇلدۇق. كىيىملىرىمىز ئەزالار بىلەن بىرگە سەجدە قىلىدۇ.
Benefits
نامازدا كىيىمنى ۋە چاچنى تۈگىۋېلىشنىڭ ياخشى كۆرۈلمەيدىغانلىقى.
ناماز ئادا قىلغۇچىنىڭ نامازنى تىنچ-خاتىرجەم ئادا قىلىشى ۋاجىپ بولىدۇ، بۇ سەجدە قىلىدىغان يەتتە ئەزانى زېمىنغا قويۇش بىلەن بولىدۇ، زېمىنغا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن ئوقۇلىدىغان زىكىرلەرنى راھەت ئوقۇغىلى بولىدۇ.
نامازدا چېچىنى بوغىۋېلىش ئەرلەرگە خاس بولىدۇ، چۈنكى ئاياللار نامازدا چېچىنى ئوراشقا بۇيرۇلغان.
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

