سىز ھەر ئايدا ئادەت كۆرىدىغان كۈنلىرىڭىزدە ناماز ۋە روزىنى تەرك قىلىسىز، ئۇ كۈنلەردىن كېيىن يۇيۇنۇپ ئىبادىتىڭىزنى داۋاملاشتۇرىسىز
Choose an available translation of this Hadeeth
Hadeeth text
مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلغان ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ: ئۇممۇ ھەبىبە بىنتى جەھىش رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئايالى بولۇپ، ئۇ ئۆزىدىن كېلىدىغان قان سەۋەبىدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا شىكايەت قىلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «سىز ھەر ئايدا ئادەت كۆرىدىغان كۈنلىرىڭىزدە ناماز ۋە روزىنى تەرك قىلىسىز، ئۇ كۈنلەردىن كېيىن يۇيۇنۇپ ئىبادىتىڭىزنى داۋاملاشتۇرىسىز»، ئۇ ئايال ھەر قېتىم ناماز ئادا قىلىدىغان ۋاقىتتا يۇيۇناتتى.
Explanation
Benefits
خۇن كېسىلى بولغان ئايال بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇشتىن ئىلگىرىكى ھەر ئايدا ئۆزىنىڭ ئادەت كۆرىدىغان كۈنلىرى كەلگەندە ھەيزدار ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا كۈنلەردە خۇن كېسىلى ھېسابلىنىدۇ.
خۇن كېسىلى بولغان ئايالنىڭ ئادەتتە ھەر ئايدا كۆرىدىغان ئادەت كۈنلىرى ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ ئايال گەرچە خۇننىڭ قېنى كىلىپ تۇرسىمۇ پاك بولغان ھېسابلىنىدۇ، ھەيزدىن پاك بولغانلىقى ئۈچۈن يۇيىنىدۇ.
خۇن كېسىلى بولغان ئايالغا ھەر نامازنىڭ ۋاقتىدا يۇيۇنۇش ۋاجىپ بولمايدۇ، چۈنكى ئۇممۇ ھەبىبە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەر ناماز ئۈچۈن يۇيۇنىشى بولسا، ئۆزىنىڭ تېرىشچانلىقىدىن بولغان، ئەگەر ۋاجىپ بولغان بولسا ئېدى، ئەلۋەتتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنى بايان قىلىپ بىرەتتى.
خۇن كېسىلى بولغان ئايال ھەر نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندە يېڭىدىن تاھارەت ئالىدۇ، چۈنكى ئۇ ئايالنىڭ خۇنى ئۈزۈلمەيدۇ، داۋاملىشىپ تۇرىدۇ، دائىم سۇيدۇك تېمىپ تۇرىدىغان، بۇرنى قانايدىغان ۋە توختىماي يەل كىلىدىغان كىشىلەرنىڭ تاھارىتىنىڭ ھۆكمىمۇ خۇن كېسىلى بولۇپ قالغان ئايالنىڭ تاھارىتىنىڭ ھۆكمىگە ئوخشايدۇ.
دىنى ئىشلاردا بىلەلمىگەن مەسىلىلەر بولسا ئىلىم ئىگىلىرىدىن سوراش كېرەك، بۇ ئايالمۇ ئۆزىدىن ئۈزۈلمەي قان كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭ ھۆكمىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سورىغان.
Attribution
Categories
Share hadeeth
Sharing options · 0 Total shares

