
ھاياتنىڭ مەقسىتى نېمە؟
ھاياتنىڭ مەقسىتى نېمە؟. بىر دىنسىزنىڭ ھېكايىسى. مەن ھېكايەمنى ئۇنۋېرسىتېتقا كىرگەن تۈنجى يىلدىن باشلايمەن، بۇ يىلدا نۇرغۇن ئىشلار ئۆتتى. ئاتا-ئانام بىر-بىرىدىن ئايرىلدى، مەن ماشىنا ھادىسىگە ئۇچراپ، بۇنىڭدا بىر دوستۇم ۋاپات بولدى. ئۆزۈمدىن سورىدىم:" مەن نىمىشقا بۇ يەردە؟، ھاياتنىڭ...
ھاياتنىڭ مەقسىتى نېمە؟
ھاياتنىڭ مەقسىتى نېمە؟.
بىر دىنسىزنىڭ ھېكايىسى.
مەن ھېكايەمنى ئۇنۋېرسىتېتقا كىرگەن تۈنجى يىلدىن باشلايمەن، بۇ يىلدا نۇرغۇن ئىشلار ئۆتتى.
ئاتا-ئانام بىر-بىرىدىن ئايرىلدى، مەن ماشىنا ھادىسىگە ئۇچراپ، بۇنىڭدا بىر دوستۇم ۋاپات بولدى.
ئۆزۈمدىن سورىدىم:" مەن نىمىشقا بۇ يەردە؟، ھاياتنىڭ مەقسىتى نېمە؟.
ھەمدە ھاياتنىڭ مەقسىتىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىدىم، مەن خرىستىئان بولغانلىقىم ئۈچۈن تەكشۈرۈشكە باشلىدىم.
مەن چېركاۋغا بېرىپ كۆپچىلىكنىڭ مەن بىلمەيدىغان بىر نەرسىلەرنى ئېتىۋاتقانلىقىنى بايقىدىم، شۇنىڭ بىلەن مېنى بىئارام قىلىپ، چارچاتقان بەزى سوئاللارنى سورىدىم.
ئۇلار مېنىڭ سوئالىمغا جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن ئىنجىلغا قارىماستىن، ھەر بىرى ئۆزىنىڭ قارىشى بويۇنچە جاۋاپ بەردى.
ئۇلارنىڭ بەرگەن جاۋاپلىرى پەرقلىق بولۇپ، ھەتتا بەزىسىنىڭ جاۋابى يەنە بەزىسىنىڭ جاۋابنىڭ تولۇق ئەكسىچە ئېدى. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئىلاھ توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇراتلىرىمۇ ئادەمنى قايىل قىلالمايدىغان، بىر-بىرىگە زىت ۋە ئاجىز ئېدى.
ئىلاھ قانداقمۇ كىرستقا مىخلىنىپ ئەزىيەتلەرگە ئۇچرايدۇ؟!، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بۇ يەردە مەسىيھىلىك توغرىسىدىكى پەرقلىق چۈشەندۈرۈشنى تاپتىم.
مەن ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇغاچ ماي قاچىلاش پونكىتىدا ئىشلەيتتىم، مېنىڭ ساۋاقداشلىرىدىن بىرى ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھىندىستانلىق ئېدى، ئۇنىڭدىن پىل باشلىق ھىندى ئىلاھىنىڭ ۋەقەلىكنى سورىدىم؟، يەنە پىل باشلىق ئىلاھنىڭ ئورنىغا شىر باشلىق ئىلاھنى تاللىسا مۇمكىن بولمامدۇ؟ دېدىم، ھىندى ساۋاقدىشىم ماڭا جاۋاپ بەرمىدى ياكى جاۋاپ بېرەلمىدى.
شۇنىڭ بىلەن مەن باشقا دىنلارنى تەكشۈردۈم، مېنىڭ بۇ قېتىمقى سوئالىم يەھۇدى دىنى توغرىسىدا بولدى، بۇ دىن توغرىسىدىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت ئىزدىنىپ، تەتقىقات ئىلىپ بارغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئىلاھ ھەققىدىكى تەسەۋۋۇراتلىرىدىمۇ خۇددى خرىستىئان پوپلىرىغا ئوخشاش قارمۇ-قارشىلىق بارلىقىنى بايقىدىم.
شۇنىڭ بىلەن يەھۇدى دىنىدا مەن ئىزدىگەن ھەقىقەتنى تاپالمىدىم.
ئاخىردا بۇددا دىنى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ باردىم، ۋە كېيىن بۇ دىننى تاللاشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۇم، ئىنچىكە تەتقىق قىلغاندىن كېيىن بۇنىڭ دىن ئەمەس ئىكەنلىكىنى، پەقەت تۇرمۇشنى جەلىپ قىلىدىغان بىر يول ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم.
بىر كۈنى دوستلىرىمدىن بىرى مەندىن: مېنىڭ ئىزدەنگەن دىنلىرىم توغرىسىدا سورىدى، مەن ئۇنىڭغا: ئۆزۈمنىڭ خرىستىئان دىنى، ھىندوست دىنى، يەھۇدى دىنى ۋە بۇددا دىنى توغرىسىدا ئىزدەنگەنلىكىمنى ئېيتتىم، دوستۇم مەندىن: ئىسلام دىنى قانداق ئىكەن؟ دەپ سورىدى، مەن ئۇنىڭغا: ئۆزۈمنىڭ ئىسلام دىنى توغرىسىدا ئىزدەنمىگەنلىكىمنى، مەن ئۈچۈن بۇ دىنغا تۈرتكە بولىدىغان بىر ئىش بولمىغانلىقىنى ئېيتتىم.
لېكىن مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن مەن كۆڭلۈمنىڭ مەسچىتنى تارتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم، شۇنىڭ بىلەن ئايىغىمنىمۇ سالمايلا ناماز ئوقۇيدىغان جاينامازغا دەسسەپ مەسچىتكە كېرىپ سەجدە قىلىۋاتقان بىر كىشىنىڭ بېشىغا دەسسەپ سالغىلى تاس قالدىم، ئاندىن قارىسام، بىر مويىسپىت كىشى كۈلۈمسىرەپ مېنىڭ تەرىپىمگە كېلىۋېتىپتۇ، ئۇ كىشى مېنى: بۈگۈن نېمە دېگەن گۈزەل كۈن! ئى دوستۇم! ئەھۋالىڭىز قانداق؟ دەپ قىزغىن كۈتۈۋالدى، بۇ كىشىنىڭ مېنى بۇنداق قىزغىن كۈتۈۋېلىشى مېنى ئۇ كىشىدىن سۇئال سورايدىغان قىلدى.
مېنىڭ ئىلگىرى باشقىلاردىن سورىغان، ھازىر ئۇ كىشىدىن سورايدىغان نۇرغۇن سۇئاللىرىم بار ئېدى، مېنى بەك ھەيران قالدۇرغىنى: مەن ئۇلاردىن سۇئال سورىسام، ئۇلار مېنىڭ سوئالىمغا دەرھال جاۋاپ بەرمەيتتى، ئۇلار قۇرئاننى تۇتۇپ ماڭا: قېرىندىشىم! قۇرئاننى ئوقۇڭ، سىزنىڭ سۇئاللىرىڭىزدىن ھەر قانچە قېيىن سۇئال بولسىمۇ ئۇنىڭ جاۋابىنى بۇنىڭدىن تاپىسىز دەيتتى.
ئارىدىن ئىككى ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، مەن مۇسۇلمانلارنىڭ بىرىدىن: مەن سىزدىن سۇئال سورىسام نېمە ئۈچۈن ماڭا ئۆز قارىشىڭىز بويۇنچە جاۋاپ بەرمەيسىز؟دەپ سورىسام،ئۇ كىشى ماڭا: بىز ئاللاھنىڭ كىتابىدىن سۆزلەۋاتقاندا، بۇنىڭدا مېنىڭ قارىشىم بولمايدۇ دېدى، بۇ سۆز ماڭا كۆپ تەسىر كۆرسەتتى.
ئاندىن مەن ئۆيدە ئوقۇش ئۈچۈن قۇرئاندىن بىر نۇسخا ئالدىم ۋە ئوقۇشقا باشلىدىم، بۇنىڭدىكى ئەھۋالنىڭ باشقا دىنلاردىكى ھېكايىلەرنى ئوقۇغانغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايقىدىم، بەلكى مەن ھەر ئايەتنى ئوقۇسام، ئۇ ئايەت مىنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇتتى ۋە توغرا يولغا يىتەكلەيتتى.
بىر كېچىسى ئولتۇرۇپ: تاغلارنىڭ قوزۇققا ئوخشاش بولغانلىقى، تۆرەلمىنىڭ بالىياتقۇدا ئۆسۈپ يېتىلىشى ھەققىدىكى ھەقىقەتنىڭ دەلىللىرى توغرىسىدا ئويلاندىم، ئىختىيارسىز: ئى ئاللاھ! مېنى توغرا يولغا باشلىسىلا دېدىم.

ھاياتنىڭ مەقسىتى نېمە؟
Scan QR Code | Use a QR Code Scanner to fast download directly to your mobile device